...يېڭى ئادرىسىمىز:Chewendazlar.com

  •  

    http://chewendazlar.com

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ ھېرىسمەنلىرى! چەۋەندازلار بىلوگى ئۇدا نەچچە ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېڭى سېپىلىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە مۇستەقىل نامدا چەۋەندازلار بىلوگىنى قۇرۇپ چىقتى. چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ كونا سېپىلىدىكى تېمىلار ۋە ئىنكاسلار غەلبىلىك ھالدا يۆتكەپ كېلىندى. ۋە ئىلگىرىكى بىر قىسىم تېمىلار سېپىل كۆچۈش سەۋەبىدىن قىسقارتىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى ۋە مۇشۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ بىر قىسىم قىممەتلىك پىكىر-ئىنكاسلىرى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپ قالدى. چەۋەندازلار بۇ سەۋەبدىن بارلىق تورداشلاردىن چوڭقۇر ئەپۇ سورايدۇ. ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ خالىسا بارلىق ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا زاپاسلاپ ۋە ساقلاپ مېڭىشقا ۋەدە بېرىدۇ. ئۇنداقتا يېڭى سېپىلغا مەرھەمەت قىلىڭ!

  • 点击查看下一张 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنىڭ چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-12 گە ئىشتىراك قىلىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! چەۋەندازلار بىلوگى بۇندىن بىر يىل بۇرۇن چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. مانا بۈگۈن 12-سانىنى يوللاپ تورداشلار بىلەن بىرگە چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سېلىپ ئولتۇرماقتىمىز. بۇ بىر يىللىق ساندا چەۋەندازلار بىلوگى ئىزچىل تۈردە تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. چەۋەندازلار بىلوگى يېقىندا ئۆزىنىڭ چوڭ بىر قەدىمىنى ئېلىپ تەرەققىيات قەدىمىنى تىزلەتمەكچى. ھەمدە چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى مۇشۇ سان بىلەن تامام. ئۇنداق بولسا تورداشلارنىڭ بۇ سانلىق ئومۇمىي خۇلاسىلىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-12گە نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • 点击查看下一张



    مىكرو بىلوگ بىر خىل يېڭىچە ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا سىز ھەرخىل گەپلەرنى، رەسىملەرنى، فىلىملەرنى يوللاش ئارقىلىق ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەر ۋاقىت يېڭىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ. مىكرو بىلوگنىڭ ئالاھىدىلىكى 140 ھەرىپ ئارقىلىق مۇئەييەن مەقسەت-مۇددىئانى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە 140 ھەرىپ بىلەن ئىپادىلەش بەلگىلىك ئىقتىدارنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىكرو بىلوگ سۇپىسى twitter مىكرو بىلوگى بولۇپ، مەزكۇر مىكرو بىلوگ بىلوگگىر (blogger) نىڭ قۇرغۇچىسى ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams ) تەرىپىدىن 2006-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. Twitter نىڭ مەنىسى خۇددى قۇچقاچنىڭ <<ۋىچىر-ۋىچىر>>لىغىنىدەك ئاۋازنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىكرو بىلوگ تور دۇنياسىدا يېڭىچە ئىنقىلابنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ 140 ھەرىپ  ئارقىلىق <<ھەر بىر كىشى ئۆز ئۆز ئاۋازىنى ياڭرىتىش، ھەر بىر كىشى دىققەتكە سازاۋەر بولۇش دەۋىرى>> نى ئېلىپ كەلدى.

  • 点击查看下一张

     

    تورنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىلوگلارمۇ ھازىرقى تور ساھەسىدىكى زور كۈچكە ئايلاندى. تېخى مىكرو بىلوگ بارلىققا كەلگىنى ئۇزاق بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ دىيارىمىزغا كېلىشى ئىلگىرى ۋاقىتلاردىكى تور تېخنىكىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارىغاندا تېز بولدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مىكرو بىلوگ توردا يېڭىچە ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ سۆزلىرىنىڭ قىسقا، مەزمۇنىنىڭ مىغىزلىق، تېتىملىق بولىشى بىلەن يېڭىچە مۇھىتنى ئېلىپ كەلدى.

    تېخى يېقىندىلا قارلۇق شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان <<گۈدۈك>> مىكرو بىلوگى تېزلا تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر تەرىپى مەزكۇر مىكرو بىلوگ <<بىلوگ ئاسقۇسى>> قىستۇرمىسىنىمۇ ھەم ئېلان قىلغان بولۇپ سىز بۇ مىكرو بىلوگ ئاسقۇسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ بىلوگىغا چىقىرىۋالسىڭىز ھەقىيقەتەنمۇ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك ئىش بولىدىكەن! بىر تەرەپتىن بىلوگ يازسىڭىز يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ دۇنيارىڭىزغا باشقىلار تېخىمۇ يېقىنلىشىپ سىزنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. مەنچە بۇ بىلوگگىرلار ئۈچۈن ھەقىيقەتەنمۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش دەپ قارايمەن.

  • 点击查看下一张

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەرنى چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان <<چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11>> غا تەكلىپ قىلىمەن. چەۋەندازلار بىلوگى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر بىلوگلىرى ئارىسىدا رەسمىي ھالدا قەرەللىك ھالدا ئۆز بىلوگىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ۋە ئىچكى ئەھۋالىدىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ھەر ئاينىڭ 29-كۈنى چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ كەلدى. 2-ئاي 28 كۈنلۈك ئاي بولغانلىقىتىن يوللانمىدى. بۇ بىر چەۋەندازلار ئېيىدا چەۋەندازلار بىلوگى ئىزچىل ھالدا تىرىشىپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات قەدىمى ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەلدى. پات ئارىدا ئاللاھ نىسىپ قىلسا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ يېڭىچە شەكىلدە تورداشلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغۇسى! ئۇنداق بولسا بۇ قېتىملىق چەۋەندازلار ئۇقتۇرىشىنىڭ نادىر مەزمۇنلىرىدىن بەھىرلەنگەيسىزلەر!

     

     

  • بەزىلەر سۆۋېت روسىيىسى غەرپتىكى دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن پارچىلاندى دەيدۇ. ئۇنداقتا سوۋېت ئامىرىكىنى پارچىلاپ باقسا بولمامدۇ ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئامىرىكىدىكى مىللى مۇناسىۋەت سوۋېتتىكىدىن ئوبدان ھەل قىلىنغان. مىللى كىملىك مەسىلىسىگە قارىغاندا پۇقرالىق سالاھىيەت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان. شۇڭا شۈبھىسىز ئېيتىمىزكى، ھېلىقى غەرپلىكنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتى مىللى زىدىيەتنىڭ كوچىسىدىن چىقىپ كېتەلمىدى. دىگىنى توغرا.

  • ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى

    Adem bilen Hewwaning Baliliri

    ئابدۇرېھىم ئابلەتخان

     

  • 点击查看下一张

    يۇقارقى تەگرەسىمنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزگە خاسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئويىڭىز شەكىللەندىغۇ دەيمەن. ھەقىيقەتەنمۇ ئىنتايىن سىپتا ۋە جەلىپ قىلارلىق چىققان تەگرەسىم دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ رەسىمنىڭ ئۈچ خىل شەكلى بولۇپ ئوخشاشلا ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ سىزنىڭ لاھىيەلەش ئىشلىرىڭىزدا ياخشى ياردەمچى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەڭ ياخشى يېرى EPS شەكلى قوشۇپ يوللانغان بولۇپ ئۆزىڭىز خالىغانچە ئۆزگەرتىپ خاسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداقتا يۇقارقى رەسىمنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەتىۋارلىق ساقلانمىلىرىڭىز ئامبىرىغا ساقلاپ قويۇڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

  •  

    سۇمرۇغ تورى خەۋىرى: موڭغۇلىيەدە تۈركلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى تېپىلغان بولۇپ، يېقىندا قەدىمكى قەۋرىدىن تېپىلغان بۇيۇملار رەسمىي ھالدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ ھەم موڭغۇلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركلەرنىڭ دەۋرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆرگەزمىگە قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدىمىي قەۋرىنى موڭغۇلىيە بىلەن روسىيە بىرلەشمە ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ جامار ناھىيىسىدىن بايقىغان بولۇپ،قەۋرە 6 مىتىر چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەن ئىكەن. كۆرگەزمە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر قەۋرىنىڭ تۆت ئەتراپى 90 مىتىر ئېگىزلىكتىكى توپا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، جەنۇب تەرىپىدە بىر چىقىش ئېغىزى بار ئىكەن. ھەمدە قەۋرىنى بايقاشتىن بۇرۇن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىر كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەۋرىسى دەپ بېكىتكەن.

    ...